كىم باي؟
ئا:ئۇنىڭ ماڭا ياخشى بولغىنىدىن باشقا، ھېچنېمىسى يوق.
ب: ئۇنىڭ ساڭا ياخشى بولغىنى بولمىسا، سېنىڭ ھېچنېمەڭ يوق، دېمەك.
ئوقيا خاتىرىسى
Kim bay?
A:uning manga yaxshi bolghinidin bashqa, héchnémisi yoq.
B: uning sanga yaxshi bolghini bolmisa, séning héchnémeng yoq, démek.
Oqya xatirisi

ئالدىدا
مىڭ بىر پەرداز ھېچ ئېرۇر، بۇ گۈزەللىك ئالدىدا
تۈمەن نازنى يوق دېگىن، بۇ نازاكەت ئالدىدا.
تېگى ئېسىل، خۇلقى ئۇز، تەقۋا ئوزى بەك ئېرىغ
سۇ قويالماس ئۆزگىلەر، بۇ لاتاپەت ئالدىدا.
ئوقيا2019 / ماي
Aldida
Ming bir perdaz héch érur, bu güzellik aldida
Tümen nazni yoq dégin, bu nazaket aldida.
Tégi ésil, xulqi uz, teqwa ozi bek érigh
Su qoyalmas özgiler, bu latapet aldida.
Oqya2019 / may

قىخە قوتا
بىر كۈنى قەشقەر مىللى شىپاخانىنىڭ ئالدىدىن چىنىباغقا قاراپ ۋېلسىپىتى بىلەن كېتىۋاتسام، ئالدىمدا بىرەيلەن دەل مۇشۇنداق ئوت بېسىپ كېتىۋاتقان ئىكەن، خېلى ئارىلىق قالدۇرۇپ ئەگەىپ ئۆتەۋەتسام ، 'قىخە قوتا' دەپ ئېشەكنى بىر تارتىپ ئوتنىڭ ئالدىدىن زەردە بىلەن چىقماسما، 'جاڭڭىدە' سوقۇپتى 'ۋالاققىدە' يېقىلىپ ئىككى مېتېر سۈرۈلۈپ كەتتىم. بىر ئەمەس ئىككىلى تىزىم ''چېلىق چېلىق'' قان. دەزمال سېلىپ قاتۇرۇۋالغان ئىشتان ھازىرقى مودا ياشلارنىڭ يىرتىق ئىشتىندەكلا بولۇپ قالدى. تىزلىرىم ھېچ نېمىنى سەزمەيتى. ئاستا (ئاران) ئورنۇمدىن تۇردۇم. تەلىيىمگە ماشىنا يوقكەن.
ھېلىقى مېنى سوققان دېھقان تەمتىرەپ چىرايى ئۆڭۈپلا كەتكەن ئىدى.
''ۋاي ئۇكام''دىن باشقا گەپ قىلالمايتى. تەرىگە بىر قارايمەن، ئۇ دېھقان مېنىڭ كېلىشىمنى نەدىن بىلسۇن، ئامال يوقتە ئاچچىقلانغىلى بولمايدۇ، ھەم ئورنىغىمۇ كەلمەيدۇ. ئاستا يولنىڭ سىرىتىغا چىقىپ ئولتۇردۇم، دېھقان ۋەلسىپتىمنى ئېلىپ يېنىمدا تۇراتتى.
-پىچاق بارمۇ؟- دەپ سورىدىم دېھقاندىن
- ۋاي ئۇكام نېمە قىلىلا؟
-كېسىمەن- دېدىم مەن تىزىمغا قاراپ.
-ۋاي، بۇ...... ،- دېھقاننىڭ چىرايى تېخىمۇ ئۆڭدى.
دېھقاننىڭ جاۋابىنى ساقلىماي، يانچۇقۇمدا ئېلىپ يۈرۈيدىغان سۋېتسارىيەنىڭ ئەپچىل قەلەمتۇراچىنى چىقاردىم دە، قايچىسى بىلەن ئىشتاننىنىڭ يىرتىلغان يېرىنىڭ يۇقۇرىدىن باشلاپ كېسىپ، قانىغان يەرلەرنى تېڭىشقا تۈتۈندۈم. دېھقان قېشىمدا ، نېمە قىلارىنى بىلمەي پاي پېتەك بولۇپ يۈرەتتى.
ئاستا ئورنۇمدىن تۇرۇپ:
- ئاكا يولدا ئېشەك ھارۋىسى ھەيدىگەندە دىققەت قىلسىلا، بولۇپمۇ، چوڭ يولدا، بۇنداق قىلسىلىرى بەك خەتەرلىك.
-"ئۇكام....ئۇكام...." دەيتى دېھقان نېمە دېيىشىنى بىلەلمەي.
مەن كۇسەركۇنى كېيىپ مىنگىلى بولمايدىغان ۋېلسىپىتىمنى يېتىلەپ، ئاقسام ئۆيگە قاراپ ماڭدىم.
گەرچە ئۇ چاغدا ئابدۇكېرىم ئابلىزنىڭ كۇسەركۈسىنى بىلمىسەممۇ، كۇسەكۇنى ئاشۇ چاغدىلا سىناپ باققان ئىكەنمەن.
ئوقيا خاتىرىسىدىن
Qixe qota
Bir küni qeshqer milli shipaxanining aldidin chinibaghqa qarap wélsipiti bilen kétiwatsam, aldimda bireylen del mushundaq ot bésip kétiwatqan iken, xéli ariliq qaldurup egeip ötewetsam , 'qixe qota' dep éshekni bir tartip otning aldidin zerde bilen chiqmasma, 'jangngide' soqupti 'walaqqide' yéqilip ikki métér sürülüp kettim. Bir emes ikkili tizim ''chéliq chéliq'' qan. Dezmal sélip qaturuwalghan ishtan hazirqi moda yashlarning yirtiq ishtindekla bolup qaldi. Tizlirim héch némini sezmeyti. Asta (aran) ornumdin turdum. Teliyimge mashina yoqken.
Héliqi méni soqqan déhqan temtirep chirayi öngüpla ketken idi.
''way ukam''din bashqa gep qilalmayti. Terige bir qaraymen, u déhqan méning kélishimni nedin bilsun, amal yoqte achchiqlan’ghili bolmaydu, hem ornighimu kelmeydu. Asta yolning siritigha chiqip olturdum, déhqan welsiptimni élip yénimda turatti.
-pichaq barmu?- dep soridim déhqandin
- way ukam néme qilila?
-késimen- dédim men tizimgha qarap.
-way, bu...... ,- déhqanning chirayi téximu öngdi.
Déhqanning jawabini saqlimay, yanchuqumda élip yürüydighan swétsariyening epchil qelemturachini chiqardim de, qaychisi bilen ishtannining yirtilghan yérining yuquridin bashlap késip, qanighan yerlerni téngishqa tütündüm. Déhqan qéshimda , néme qilarini bilmey pay pétek bolup yüretti.
Asta ornumdin turup:
- aka yolda éshek harwisi heydigende diqqet qilsila, bolupmu, chong yolda, bundaq qilsiliri bek xeterlik.
-"ukam....Ukam...." deyti déhqan néme déyishini bilelmey.
Men kuserkuni kéyip min’gili bolmaydighan wélsipitimni yétilep, aqsam öyge qarap mangdim.
Gerche u chaghda abdukérim ablizning kuserküsini bilmisemmu, kusekuni ashu chaghdila sinap baqqan ikenmen
-Oqya Xatirisidin

✋热门推荐