كىرپە بىلەن جەيرە
a Hedgehog and a Porcupine
刺猬和豪猪
كىرپە
سۈت ئەمگۈچى ھايۋان . بېشى كىچىك ، تۆت پۇتى قىسقا كېلىدۇ . تېنىدە قاتتىق تىكەنلىرى بولىدۇ . كېچىسى ھەرىكەت قىلىپ ، ھاشارات ، چاشقان ، يىلان قاتارلىقلار بىلەن ئوزۇقلىنىدۇ . دېھقانچىلىققا پايدىلىق .
جەيرە
جەيرە بولسا ئافرىقا يايلىقىدىكى بارلىق گۆشخور ھايۋانلارنىڭ ئورتاق قاباھەتلىك چۈشى ھېسابلىنىدۇ. گەرچە جەيرەنىڭ گۆشى ئىنتايىن مەززىلىك، بىر قېتىم يېگەن ھايۋاننىڭ يەنە بىر قېتىم يېگۈسى كەلسىمۇ، لېكىن «جاندىن كەچمىگۈچە جانانغا يەتمىگىلى بولماپتۇ» دېگەندەك، ئۇنىڭ ئاشۇ ئۇزۇن ھەم ئۇچلۇق تىكەن بىلەن قاپلىنىپ كەتكەن بەدىنى نۇرغۇن ھايۋانلارنىڭ ئۇنى كۆرسىمۇ كۆرمەسكە سېلىپ ئۆتۈپ كېتىشىگە سەۋەبچى بولىدۇ. ئەلۋەتتە بەزىدە سەل جۈرئەتلىكىرەك ھايۋانلار ئۇنىڭ گۆشىنىڭ ھەقىقەتەنمۇ «رىۋايەتلەردىكىدەك» تاتلىق ئىكەنلىكىنى بىلىپ بېقىش مەقسىتىدە ھۇجۇم قىلىپ باققان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ ئېرىشكىنى پەقەت «ئوقيا بولۇپ تەگدى يۈرەكنىڭ بېغىغا» دېگەندەك، جەيرەنىڭ ئۇچلۇق تىكەنلىرىنىڭ باغرىغا رەھىمسىزلىك بىلەن سانجىلىشى بولۇپ قالىدۇ. جەيرەنىڭ بۇ تىكەنلىرى ھەتتا نۇرغۇنلىغان كۈچلۈك گۆشخور ھايۋانلارنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىگىمۇ سەۋەبچى بولغان. شۇنىڭ ئۈچۈن «پېچەت چاپاننى» كىيىۋالغان جەيرە ھەر-ھەر شىرلارنى كۆرگەندىمۇ «تۇمشۇقىدا مىلتىق ئېتىپ قويۇپ» خاتىرجەم سەيلە قىلىۋېرىدۇ. لېكىن كۈشەندىسى يوق ھايۋان بولمىغانغا ئوخشاش، بەزى ئەقىللىق ھايۋانلار جەيرەنىڭمۇ ئاجىزلىقىنى بايقاپ قالىدۇ. يەنى، جەيرەنىڭ تىكەنلىرى ئاساسىي جەھەتتىن ئۇنىڭ بوينى بىلەن دۈمبىسىدە بولۇپ، قورساق قىسمىدا بۇنداق قوغدىغۇچى تىكەنلەر يوق. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزى ھىيلىگەر ۋە ئەقىللىق سىرتلانلارنى جەيرەنىڭ ئەڭ چوڭ كۈشەندىسى دېيىشكە بولىدۇ.
Kirpe
Süt emgüchi haywan . Béshi kichik , töt puti qisqa kélidu . Ténide qattiq tikenliri bolidu . Kéchisi heriket qilip , hasharat , chashqan , yilan qatarliqlar bilen ozuqlinidu . Déhqanchiliqqa paydiliq .
Jeyre
Jeyre bolsa afriqa yayliqidiki barliq göshxor haywanlarning ortaq qabahetlik chüshi hésablinidu. Gerche jeyrening göshi intayin mezzilik, bir qétim yégen haywanning yene bir qétim yégüsi kelsimu, lékin «jandin kechmigüche janan’gha yetmigili bolmaptu» dégendek, uning ashu uzun hem uchluq tiken bilen qaplinip ketken bedini nurghun haywanlarning uni körsimu körmeske sélip ötüp kétishige sewebchi bolidu. Elwette bezide sel jür’etlikirek haywanlar uning göshining heqiqetenmu «riwayetlerdikidek» tatliq ikenlikini bilip béqish meqsitide hujum qilip baqqan bolsimu, lékin ularning érishkini peqet «oqya bolup tegdi yürekning béghigha» dégendek, jeyrening uchluq tikenlirining baghrigha rehimsizlik bilen sanjilishi bolup qalidu. Jeyrening bu tikenliri hetta nurghunlighan küchlük göshxor haywanlarning ölüp kétishigimu sewebchi bolghan. Shuning üchün «péchet chapanni» kiyiwalghan jeyre her-her shirlarni körgendimu «tumshuqida miltiq étip qoyup» xatirjem seyle qiliwéridu. Lékin küshendisi yoq haywan bolmighan’gha oxshash, bezi eqilliq haywanlar jeyreningmu ajizliqini bayqap qalidu. Yeni, jeyrening tikenliri asasiy jehettin uning boyni bilen dümbiside bolup, qorsaq qismida bundaq qoghdighuchi tikenler yoq. Shuning üchün özi hiyliger we eqilliq sirtlanlarni jeyrening eng chong küshendisi déyishke bolidu.

ئۇيغۇر يىلنامىسى
ئاپتۇر ئىسمى: مەمەتتۇرسۇن زۇنۇن ئوقيا
نەشرىيات: ئۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ( لوندون)
نەشىر قىلىنغان ۋاقتى: 2017
بەت سانى: 904
تىل ئۇيغۇرچە
Uyghur Yilnamisi
Aptur Ismi: Memettursun Zunun Oqya
Neshriyat: Uyghurtili Tetqiqati ( London)
Neshir Qilin’ghan Waqti: 2017
Bet Sani: 904
Til Uyghurche

كىم باي؟
ئا:ئۇنىڭ ماڭا ياخشى بولغىنىدىن باشقا، ھېچنېمىسى يوق.
ب: ئۇنىڭ ساڭا ياخشى بولغىنى بولمىسا، سېنىڭ ھېچنېمەڭ يوق، دېمەك.
ئوقيا خاتىرىسى
Kim bay?
A:uning manga yaxshi bolghinidin bashqa, héchnémisi yoq.
B: uning sanga yaxshi bolghini bolmisa, séning héchnémeng yoq, démek.
Oqya xatirisi

✋热门推荐