#jimjit orman#
مۆشۈكۈم بول
- ھېچكىم-
شېئىر يېزىۋاتقىنىمدا
يېنىمغا تۇيدۇرماي كەل
ۋە مۇڭلىرىمنىڭ قۇچىقىدا ئۇخلاپ قال.
ۋۇجۇدۇمنىڭ پېشىنى كېسىپ
يېنىڭدىن ئاستا ئايرىلغىنىمدا
تاتلىق چۈشلىرىڭدىن ئويغان-دە
،ماڭغىنىمنى تۇيۇپ قال.
تەگسىز خىياللارغا چۆككىنىمدە
بارماقلىرىمغا سۈركىلىپ ئۆت
ۋە سۈكۈت قەپىزىدىكى يۈرىكىمگە قۇلاق سال.
ھەسرىتىمنىڭ تىلىنى كېسىپ
كۆزلىرىڭگە جىمجىت باققىنىمدا،
قارچۇقلىرىمنى ئېلىپ قاچ-تە، بىردەم ئوينىۋال.
مۆشۈكۈم بول
مەندىن ھېچ گەپ سورىما
يېنىمدا يۈر، ھېچيەرگە ئايرىلما،
شوخلۇق قىل، بىزار قىل، پاراكەندە قىل
زېھنىمنى چېچىۋەت، قانلىرىمنى ئىچىۋەت، غەملىرىمنى
يېرتىۋەت ...
توختىماي مىياۋلا، قانغۇدەك مورلا، ھېچبىر ئىشتىن تارتىنما
پەقەت مۆشۈكۈم بول
مەندىن ھېچ گەپ سورىما.
[月亮][喵喵]
مۆشۈكۈم بول
- ھېچكىم-
شېئىر يېزىۋاتقىنىمدا
يېنىمغا تۇيدۇرماي كەل
ۋە مۇڭلىرىمنىڭ قۇچىقىدا ئۇخلاپ قال.
ۋۇجۇدۇمنىڭ پېشىنى كېسىپ
يېنىڭدىن ئاستا ئايرىلغىنىمدا
تاتلىق چۈشلىرىڭدىن ئويغان-دە
،ماڭغىنىمنى تۇيۇپ قال.
تەگسىز خىياللارغا چۆككىنىمدە
بارماقلىرىمغا سۈركىلىپ ئۆت
ۋە سۈكۈت قەپىزىدىكى يۈرىكىمگە قۇلاق سال.
ھەسرىتىمنىڭ تىلىنى كېسىپ
كۆزلىرىڭگە جىمجىت باققىنىمدا،
قارچۇقلىرىمنى ئېلىپ قاچ-تە، بىردەم ئوينىۋال.
مۆشۈكۈم بول
مەندىن ھېچ گەپ سورىما
يېنىمدا يۈر، ھېچيەرگە ئايرىلما،
شوخلۇق قىل، بىزار قىل، پاراكەندە قىل
زېھنىمنى چېچىۋەت، قانلىرىمنى ئىچىۋەت، غەملىرىمنى
يېرتىۋەت ...
توختىماي مىياۋلا، قانغۇدەك مورلا، ھېچبىر ئىشتىن تارتىنما
پەقەت مۆشۈكۈم بول
مەندىن ھېچ گەپ سورىما.
[月亮][喵喵]
#jimjit orman#
قايتا سۆيۈش
دېرېك ۋالكوت (ساينت لۇسىيە)
ھېچكىم تەرجىمىسى
كۈنلەرنىڭ بىرىدە،
كەيپىڭىز خۇشچاغ بىر چاغدا
قارشى ئالىسىز خۇشخۇيلۇق بىلەن
ئىشىك ئالدىڭىزغا كەلگەن ئۆزىڭىزنى،
ئەينىكىڭىزدە تۇرغان ئۇمۇ ئەشۇدەم،
ياندۇرار تەبەسسۇم خۇددىي سىزدەكلا
تەكەللۇپ ئەيلىشىپ بەلكىم ئىككىڭلار،
دەيسىلەر: ئولتۇرۇڭ، بېقىڭ غىزاغا.
ياقتۇرۇپ قالىسىز قايتىدىن بىر رەت،
يۈرەككە ناتونۇش ھېلىقى «ئۇ»نى.
ھاراق قۇيىسىز، بولكا ئۇشتۇيسىز،
يۈرەكنى قايتۇرۇپ بېرىسىز ھەتتا، سىز
بىر ئۆمۈر سۆيگەن يوچۇن ئۇنىڭغا.
كۆرمەسككە سالغان سىز ئۇنى بىر مەھەل،
ئۆزگىگە ئاغدۇرغان قەستەن ھەم نەزەر،
بىلەمسىز بۇ ئىشلار ئايدىڭ ئۇنىڭغا.
ئېلىڭ !
كىتاب تەكچىسدە تۇردى بەك ئۇزاق
سۈرەتلەر، خاتېرە، سۆيگۈ خەتلىرى...
ئەينەكتىن ھەم غايىب بولسۇن ئۇ تەسۋىر
ئولتۇرۇڭ، مېھمان قىلىڭ ھاياتىڭىزنى.
..
قايتا سۆيۈش
دېرېك ۋالكوت (ساينت لۇسىيە)
ھېچكىم تەرجىمىسى
كۈنلەرنىڭ بىرىدە،
كەيپىڭىز خۇشچاغ بىر چاغدا
قارشى ئالىسىز خۇشخۇيلۇق بىلەن
ئىشىك ئالدىڭىزغا كەلگەن ئۆزىڭىزنى،
ئەينىكىڭىزدە تۇرغان ئۇمۇ ئەشۇدەم،
ياندۇرار تەبەسسۇم خۇددىي سىزدەكلا
تەكەللۇپ ئەيلىشىپ بەلكىم ئىككىڭلار،
دەيسىلەر: ئولتۇرۇڭ، بېقىڭ غىزاغا.
ياقتۇرۇپ قالىسىز قايتىدىن بىر رەت،
يۈرەككە ناتونۇش ھېلىقى «ئۇ»نى.
ھاراق قۇيىسىز، بولكا ئۇشتۇيسىز،
يۈرەكنى قايتۇرۇپ بېرىسىز ھەتتا، سىز
بىر ئۆمۈر سۆيگەن يوچۇن ئۇنىڭغا.
كۆرمەسككە سالغان سىز ئۇنى بىر مەھەل،
ئۆزگىگە ئاغدۇرغان قەستەن ھەم نەزەر،
بىلەمسىز بۇ ئىشلار ئايدىڭ ئۇنىڭغا.
ئېلىڭ !
كىتاب تەكچىسدە تۇردى بەك ئۇزاق
سۈرەتلەر، خاتېرە، سۆيگۈ خەتلىرى...
ئەينەكتىن ھەم غايىب بولسۇن ئۇ تەسۋىر
ئولتۇرۇڭ، مېھمان قىلىڭ ھاياتىڭىزنى.
..
#jimjit orman#
كېچە رەڭلەرنىڭ ئۈستۈنلۈك غەۋغالىرىنى جىمىقتۇردى،
ئەمدى ھەممەيلەن بىر-بىرىمىزگە دەخلى قىلالمايدىغان بىردىن- بىر ئىشىمىزنى قىلىمىز: چۈش كۆرىمىز ...
خەيرلىك كەچ [月亮]
كېچە رەڭلەرنىڭ ئۈستۈنلۈك غەۋغالىرىنى جىمىقتۇردى،
ئەمدى ھەممەيلەن بىر-بىرىمىزگە دەخلى قىلالمايدىغان بىردىن- بىر ئىشىمىزنى قىلىمىز: چۈش كۆرىمىز ...
خەيرلىك كەچ [月亮]
✋热门推荐